ئىسلامغا قارشى بولغان پېگىدا بېلگىيەدە ۋەقە پەيدا قىلدى

ئىسلام ۋە كۆچمەنلەرگە قارشى تەشكىلات پېگىدا، بېلگىيە ۋە گېرمانىيەدە كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتەلمىدى.

245955
ئىسلامغا قارشى بولغان پېگىدا بېلگىيەدە ۋەقە پەيدا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەردە ئارقىسىدا يېڭىچە-ناتسىتلار بولغان ئىسلام ۋە كۆچمەنلەرگە قارشى تەشكىلات پېگىدا، بېلگىيە ۋە گېرمانىيەدە كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتەلمىدى.
بېلگىيەنىڭ ئانۋېرپ شەھىرىدە پېگىدا تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا ئاران 200 ئادەم قاتناشتى، نامايىشتا ياۋروپادىكى مۇسۇلمانلار بىلەن كۆچمەنلەرنىڭ ياۋروپادىن چىقىپ كېتىشى تەلەپ قىلىندى. گېرمانىيەنىڭ دىرېسدېن شەھىرىدىكى نامايىشتا پېگىدا تەرەپدارلىرى سېمپېروپېر مەيدانىغا چېدىر قۇرغان پاناھلانغۇچىلارغا ھۇجۇم قىلدى.
ساقچىلار ۋەقەگە دەرھال ئارىشىلىپ ۋەقەنى ۋاقتىدا بېسىقتۇرۇۋالدى، پېگىدا گېرمانىيەنىڭ ماگدېبۇرگ، چېمنىتىز ۋە سۇخىل شەھەرلىرىدە تۈنۈگۈنمۇ نامايىش ئۆتكۈزدى، بىراق نامايىشقا ناھايىتى ئاز كىشى قاتناشتى.
پېگىدا رەھبىرى لۇتىز باچمان ئۆزىنى ئادولىف گېتلىرغا ئوخشىتىپ چۈشكەن رەسىمى سەۋەبىدىن نەپرەت قوزغاش جىنايىتى دائىرىسىدە سوتلاندى، ئىرقچى رەھبەر ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن بولسىمۇ، دېلودىن پۈتۈنلەي قۇتۇلالمىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر