ئىراق ئارمىيەسى دائېش ئالدىدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى

ئىراق ئارمىيەسى توختاۋسىز ئالغا ئىلگىرىلمەكتە.

245531
ئىراق ئارمىيەسى دائېش ئالدىدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق ئارمىيەسى دائېشنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى تىكرىتنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە توختاۋسىز ئالغا ئىلگىرىلمەكتە.
ھەربىي ھەرىكەتنىڭ دەسلەپكى سائەتلىرىدە كۆرىنەرلىك ئىلگىرىلەش كۆرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان ئىراق ئارمىيەسى، دائېش تەرىىپدىن ئېلىپ قېچىلىپ گۆرۈدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان 100دىن ئارتۇق كىشىنىڭ قۇتقۇزۇپ قېلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ئىراق ئەسكەرلىرى تىكرىتنىڭ جەنۇبىدىكى بەزى مۇھىم ئېغىزلارنى قولغا كىرگۈزدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەر بىلەن ئىراق ئارمىيەسىنىڭ، ئەنباردا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىدىمۇ بىر رايوننىڭ قايتۇرۇپ ئېلىنغانلىقى، 19 نەپەر دائېش مىلىتانىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە نۇرغۇن پارتلاتقۇچ ماددىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرىمۇ قاتناشتۇرۇلغان ھەربىي ھەرىكەتتە 30مىڭ ئەسكەرنىڭ ھەرىكەت ئۆتكەنلىكى خەۋەر قىلىندى. تىكرىتنى قايتۇرۇپ ئېلىشنىڭ مۇسۇلغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەربىي ھەرىكەتنىڭ ھازىرلىق باسقۇچى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر