ئۇكرائىنا ئۇرۇشتا 6000دىن ئارتۇق ئادىمىدىن ئايرىلىپ قالدى

ئۇكرائىنا بۆلگۈنچى رۇس كۈچلىرى بىلەن بولغان ئۇرۇشتا 6000دىن ئارتۇق ئادىمىدىن ئايرىلىپ قالدى.

244591
ئۇكرائىنا ئۇرۇشتا 6000دىن ئارتۇق ئادىمىدىن ئايرىلىپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۇكرائىنادا 2014-يىلى ئاپرېل ئېيىدىن بۇيان ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ 6000دىن ئاشقانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قۇربانلىرىدىن بىرى، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى بەرپا بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن دونېتسىك رايونىغا يېقىن بىر يېزىغا بارغان بىر ئۇكرائىنالىق مۇخبىر بولدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارى زەيىد رائاد ھۇسەيىن ئۇكرائىنا ھەققىدە ئېلان قىلغان دوكلاتتا، ھەم بۆلگۈنچى رۇس كۈچلەرنىڭ، ھەمدە ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىنىڭ پۇقرالارنى قىيىن-قىستاققا ئالغانلىقىنى، شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى. ئۇكرائىنادا 15-فېۋرالدا يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمنامىسىگە كۆپ ۋاقىتلاردا رىئايە قىلىنسىمۇ، قىسمەن چاغلاردا بەزى رايونلاردا ھېلىھەم توپ ئوقلىرى ئاڭلىنىپ تۇرماقتا.
ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى مارىيول شەھىرىدە سۈركىلىش داۋاملاشماقتا. شەھەر ئاھالىلىرى بۆلگۈنچى رۇس كۈچلىرىنىڭ ھامان بىر كۈنى ئۆزلىرىگە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقلىرىدىن ئەندىشە قىلماقتا. ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرى بۆلگۈنچى رۇس كۈچلىرىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىن پايدىلىنىپ، قىرىم يولى ئارقىلىق رۇس قىسىملىرىنى يۆتكەپ ماڭغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ئۇكرائىنادىكى ئۆزگىرىشلەر رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ جەنۋەدە ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرىگىمۇ ئەكس ئەتتى.
ناھايىتى جىددىي ئۆتكەن سۆھبەتتىن كېيىن مىنىستىرلار ھېچقانداق بايانات بەرمەي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى كېڭىشىنىڭ يىغىنىغا قاتناشتى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىينىڭ ئۆتكەن ھەپتە رۇسىيەنى ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە يالغانچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىشى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېخىمۇ سۈركىلىشىگە سەۋەب بولغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر