ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەربىي قىرغاقتا مانىۋېر ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىيوردانىيە دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا كۆپ ساندا ئەسكەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشى ئارقىسىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانىۋېر باشلىدى.

243548
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەربىي قىرغاقتا مانىۋېر ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 3 مىڭ ئەسكەر مانىۋېرغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن قىسىملىرىغا چاقىرىلدى. 10 مىڭ ئەسكەرگە تەييار ھالەتتە تۇرۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيەلىك ئەمەلدارلار، «مانىۋېرنىڭ ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئىجرا قىلىنىپ كېلىۋاتقان نورمال بىر ئىش» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئىسرائىلىيەدە تارقىتىش بېرىدىغان ‹ھائارېتز گېزىتى› مانىۋېرنىڭ ھەقىقىي نىشانىنىڭ ئارمىيەنى ئىيوردانىيە دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا يۈز بېرىپ قالغۇسى بىرەر توقۇنۇشقا تەييار ھالەتكە كەلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى يازدى.

خەۋەردە، ھاۋا ئارمىيەسى، دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە ئالاھىدە قىسىملارنىڭ ئىسرائىلىيە ئىچكى ئىستىخبارات (دۆلەت بىخەتەرلىكى) ئىدارىسى شىن بېت بىلەن ئۆزئارا ماسلاشقان ھالدا ئېلىپ بېرىلغان مانىۋېرنىڭ، گۆرۈگە ئېلىپ قېچىشقا ئوخشاش جىددىي ئەھۋاللارغا تەييارلىق قىلىش قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر