ئامېرىكىدا ساقچى زوراۋانلىقى ئەۋج ئالماقتا

ئامېرىكىدا ساقچىلار بىر كىشىنى كوچىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېتىپ ئۆلتۈردى.

243841
ئامېرىكىدا ساقچى زوراۋانلىقى ئەۋج ئالماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لوس ئانجېلىس ساقچىلىرى ئۆي-ماكانسىز غېرىپ بىر كىشىنى كوچىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېتىپ ئۆلتۈردى.
ئىنتېرنېتتە ئېلان قىلىنغان ۋىدىئودا بىر نەچچە ساقچى يول ياقىسىغا قويۇلغان چېدىردا ياشايدىغان ئۆي-ماكانسىز بىر كىشى بىلەن دەسلەپ گەپ تالىشىدۇ، ئارقىدىن بۇ كىشىنى يەرگە ياتقۇزۇپ قورال بىلەن بەش تال ئوق ئاتىدۇ.
ۋەقە ئەسناسىدا ئۆي-ماكانسىز كىشىگە ياردەم قىلماقچى بولغان بىر كىشىنى ساقچىلار سۆرۈپ چەتكە تاشلاپ قويىدۇ. ئالاقىدار شەخسلەر ئۆي-ماكانسىز كىشىنىڭ سالاھىيىتى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بەرمەي، ئۇ كىشىنىڭ دوختۇرخانىدا ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
ۋەقە لون ئانجېلىس شەھەر مەركىزىدە ئىگە-چاقىسىزلارغا ياردەم بېرىش مەركىزىگە يېقىن بىر جايدا يۈز بەردى، شەھەر ئاھاللىرى ساقچى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن كىشىنى «ئافرىقا» دەپ ئاتايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. نەق مەيداننى كۆرگۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئافرىقا» 10 يىل روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدا داۋالانغان بولۇپ، يېقىندا دوختۇرخانىدىن چىققان ئىكەن.
ئىجتىمائىي ئورتاقلىشىش تور بېتى بولغان Facebookتا نەق مەيداننى كۆرگۈچىلەر تەرىپىدىن قويۇلغان ۋىدىئونى نۇرغۇن ئادەم كۆردى، ۋەقەگە بىلدۈرۈلگەن نارازىلىقلار كۈندىن-كۈنگە كۈچەيمەكتە.
ۋىدىئو ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ۋەقە سادىر قىلغان ساقچىلار ئۈستىدە تەكشۈرۈش باشلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر