مىسىردا پارلامېنت سايلاملىرى كېچىكتۈرۈلدى

مىسىر ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىنىڭ ‹سايلام قانۇنلىرىنىڭ بەزى ماددىلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكى› نى ئوتتۇرىغا قويۇشى نەتىجىسىدە پارلامېنت سايلاملىرى كېچىكتۈرۈلدى.

243858
مىسىردا پارلامېنت سايلاملىرى كېچىكتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەھكىمە باشلىقى، بىرىنچى باسقۇچى 21 ۋە 22- مارتتا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان سايلاملارنىڭ مەۋجۇت شارائىت ئاستىدا ئادىل ئۆتكۈزۈلەلمەيدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلدى. قاراردىن كېيىن مىسىر ئالىي سايلام كومىتېتى، پارلامېنت سايلاملىرىنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

پىرېزىدېنت ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسى مەھكىمىنىڭ قارارنامىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن بايانات بېرىپ، دېكابىر ئېيىدا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان مەزكۇر قانۇننىڭ بىر يېرىم ئاي ئىچىدە كۆزدىن كەچۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سايلاملار ئىككى باسقۇچقا ئايرىپ ئۆتكۈزۈلىدىغان مىسىر پارلامېنتى 498 پارلامېنت ئەزاسىدىن تەشكىل تاپىدۇ.

مىسىر ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىنىڭ 2012- يىلى 14 – ئىيۇندا پارلامېنتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىدىن بۇيان تۇنجى بىر ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈش پىلانلىنىۋاتاتتى.

مىسىردا دېموكراتىك سايلاملار ئارقىلىق پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان مۇھەممەد مۇرسى 2013- يىلى 3- ئىيۇلدا مەيدانغا كەلگەن ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش نەتىجىسىدە ئاغدۇرۇپ تاشلانغانىدى.

سايلاملار شۇ قېتىملىق ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ھاكىمىيەتنى تاپشۇرۇپ ئالغان ئارمىيە تەرىپىدىن تەييارلانغان يول خەرىتىسىنىڭ ئاخىرقى قەدىمىنى تەشكىل قىلاتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر