پاكىستاندا بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىۋېشى قولغا چۈشتى

پاكىستاندا جەيشۇل ناملىق تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىۋېشى قولغا چۈشتى.

242924
پاكىستاندا بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىۋېشى قولغا چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران-پاكىستان چېگرىسىدا جەيشۇل ناملىق تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىۋاشلىرىدىن سالام رىگىنىڭ پاكىستاندا قولغا چۈشكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
رىگى پاكىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بىلۇجىستان ۋىلايەتىنىڭ پايتەختى كۇۋەيتاغا يېقىن جايدا ئېلىپ بېرىلغان ئاختۇرۇش ھەرىكىتىدە بىر ئاپتۇبۇستا قولغا چۈشۈرۈلدى.
ۋىلايەتنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەكبەر ھۇسەيىن دۇرانى، رىگى ئىكەنلىكىدىن گۇمان قىلىنغان بىر كىشىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن، سوئال-سوراق قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىراق ۋە سۈرىيەگە «پىدائىي» ئەۋەتىش ۋە ئىران-پاكىستان چېگرىسىدە يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇملىرىنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى دەپ ئەيىبلەنگەن سالام رىگى، 2010-يىلى ئىراندا قولغا چۈشۈپ ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن تۇغقىنى ئابدۇلمەلىك رىگىدىن كېيىن تەشكىلاتنىڭ بېشىغا كەلگەنىدى. ئىراندا سۈننىيلەرنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنى قوغداش شوئارى ئاستىدا قانلىق ۋەقەلەرنى سادىر قىلىپ كېلىۋاتقان تەشكىلات، نۇرغۇن ئىران ئەسكىرىنى ئۆلتۈردى.
بۇنىڭدىن باشقا، ئافغانىستان چېگراسىغا يېقىن جايدىكى ھايدار-پاكتۇنكۋا ۋىلايىتىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە تالىبان تالىبانلىرىدىن 5 كىشى قولغا چۈشتى.
پاكىستان تالىبانلىرىنىڭ پېشاۋۇردىكى بىر مەكتەپنىڭ 134 نەپەر ئوقۇغۇچىسى بىلەن 150 كىشىنى قەتلى قىلىشىدىن كېيىن مەملىكەت مىقياسىدا ئۇلارغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەتلەر ئېلىپ بېرىلدى.
باش مىنىستىر ناۋاز شەرىف تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان مەملىكەتلىك ھەرىكەت پىلانىنىڭ بىر قىسمى بولغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە ھازىرغىچە يۈزلەرچە مىلىتان قولغا چۈشتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر