خىتايدا كېمە چۆكۈپ كېتىپ 15 كىشى يوقاپ كەتتى
نەنخەي دېڭىزىدا قانۇنسىز يوللار بىلەن خىتايغا كىرمەكچى بولغان كۆچمەنلەرنى ئېلىپ كېتىۋاتقان كېمە چۆكۈپ كېتىپ، 15 كىشى يوقاپ كەتتى.
239943
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى ئاۋمېن (ماكاۋ) ئاپتونۇم رايونى دېڭىز تەۋەلىكىدە 19 كىشى ئولتۇرغان كېمە چۆكۈپ كەتكەن، كېمىدىكى 4 كىشى قۇتۇلدۇرۇۋېلىنغان. ۋەقەدىن كېيىن يوقاپ كەتكەنلەرنى ئىزدەش - قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن.