جون كېررىي بىر قېتىملىق ئۇزۇن زىيارەتكە تەييارلانماقتا

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي ياۋروپادىن ئاسىياغىچە تۇتىشىدىغان زىيارەت پىروگراممىسىغا تەييارلانماقتا.

239945
جون كېررىي بىر قېتىملىق ئۇزۇن زىيارەتكە تەييارلانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جېن پساكى جون كېررىينىڭ 2 – مارت شىۋېيتسارىيە پايتەختى جەنۋە شەھىرىگە يېتىپ بېرىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 28 – قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى؛ ئۇكرائىنا ۋە باشقا رايونلۇق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەنمۇ كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
جېن پساكى جون كېررىينىڭ يادرو مۇزاكىرىلىرى دائىرىسىدە ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋاد زارىف بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنمۇ ئەسكەرتتى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، جون كېررىي شىۋېيتسارىيەدىكى ئۇچرىشىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستان پايتەختى رىيادتا پادىشاھ سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز ئال سۇئۇد ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، يەمەننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەمدە تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى (ئى ش ئى د) قاتارلىق كۆپلىگەن مەسىلىلەردە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرىدىكەن.
جون كېررىي زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى بولغان ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندا، رايونلۇق مۇھىم مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر