ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە ئۇرۇش توختىتىش ۋاقتىنچە ئەمەلگە ئاشتى
تەرەپلەر ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىن ئېغىر تىپلىق قوراللارنى چېكىندۈرۈشنىڭ كېچىكىشى توغرىسىدا بىر – بىرىنى ئەيىبلىمەكتە.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى 11 كۈن بۇرۇن ئىجرا قىلىنغان بولسىمۇ، تېخى تۈنۈگۈنگىچە(25 – فېۋرال) ئۇرۇش داۋام قىلغان ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە، تۇنجى قېتىم يېقىنقى 24 سائەتتە ئۆلۈم – يېتىم ھادىسىسى كۆرۈلمىدى. رۇسىيەپەرەسلەر ئۇرۇش سەپلىرىدىن ئېغىر تىپلىق قوراللىرىنى چېكىندۈرۈۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى. تانكا، راكېتامىيوت ۋە زەمبىرەكلەر ئاپتوموبىللاردا توشۇلۇشقا باشلىدى. ئەمما، ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى (AGİT) نىڭ كۆزەتكۈچىلىرى ھازىرچە بۇنى توغرىلايدىغان باسقۇچتا ئەمەسلىكىنى، تەرەپلەرنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە مەلۇمات بەرمىگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتتى.
ئۇكرائىنا ئۇرۇش پۈتۈنلەي توختىمىغىچە ئېغىر قوراللارنى چېكىندۈرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇكرائىنا ئارمىيەسى رۇسىيەپەرەسلەرنى پورت شەھىرى مارىيۇپولغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىش بىلەن ئەيىبلىدى. گەرچە ئۇرۇش توختىغان بولسىمۇ، دېبالتسېۋونىڭ رۇسىپەرەسلەرنىڭ قولىغا چۈشۈشى غەرب دۆلەتلىرىنى قايغۇغا سالدى. ئەنگلىيە ھەربىي تەلىم – تەربىيە بېرىش ئۈچۈن ئۇكرائىناغا 75 ئەسكەر ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. پولشامۇ ئۇكرائىناغا تەلىم – تەربىيە مەقستىدە بىر ھەربىي قىسىم ئەۋەتىشنى پىلان قىلماقتا. ئالدىنقى سەپلەردە ئۇرۇش ۋاقتىنچە توختىغان بولسىمۇ، ئۈستەل ئۈستىدە مۇزاكىرىلەر داۋام قىلماقتا.
ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەنىڭ رۇسىيەگە قارشى تېخىمۇ ئېغىر ئېمبارگو يۈرگۈزۈش چاقىرىقىغا، موسكىۋا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى. رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، بۇنىڭ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئەسلى مەقسىتىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ.
ئافغانىستاندا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئافغانىستاننىڭ غور ۋىلايىتىدە بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان دەريا قىرغىقىغا چۈشۈپ كەتتى.