«نېمىس ساقچىلىرى ئىچىدە ئىرقچىلار بار»

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى نېمىس ساقچىلىرى ئىچىدە ئىرقچىلارنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

239140
«نېمىس ساقچىلىرى ئىچىدە ئىرقچىلار بار»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ گېرمانىيە باش كاتىپى سېلمىن چالىشكان، گېرمانىيەدىكى رادىكال ئوڭچىل سوتسىيالىست يەر ئاستى تەشكىلاتىغا چېتىشلىق دېلو ھەققىدە توختىلىپ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتىنى تەنقىد قىلدى.
چالىشكان رادىكال ئوڭچىل سوتسىيالىست يەر ئاستى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ جىنايەتلىرى ئۈستىدە ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ يېتەرلىك تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بارمىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «پارلامېنتتا بۇ جىنايەتلەرنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشى ئۈچۈن چوقۇم تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇلۇشى كېرەك.»
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ يىللىق دوكلاتى ئۈستىدە توختالغان چالىشكان، گېرمانىيەدە 8ى تۈرك بولۇپ، جەمئىي 10 كىشىنى قەتلى قىلغان تېررورلۇق تەشكىلاتى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنىڭ ئەتراپلىق بولمىغانلىقىنى تەنقىد قىلىپ، گېرمانىيە پارلامېنتى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ تېخىمۇ ئاكتىپ بولۇشىنى تەلەپ قىلدى.
رادىكال ئوڭچىل سوتسىيالىست يەر ئاستى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بارلىق جىنايەتلىرىنىڭ ھازىرغىچە تولۇق ئېنىقلانمىغانلىقىنى ئېيتقان چالىشكان يەنە مۇنداق دېدى: «گېرمان ساقچىلىرى ئىچىدە ئىرقچىلار بار، بىر تەرەپلە قاراشقا ئىگە كىشىلەر بار. ئالدى بىلەن گېرمانىيە ساقچىلىرىغا ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇشنى ئۆگىتىش كېرەك، ئارقىدىن ئوخشىمىغان كۈلتۈر ۋە ئۆرپ-ئادەتلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىش ھەققىدە تەلىم-تەربىيە بېرىلىشى لازىم.شۇنداقلا ئىرقىي جىنايەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش زۆرۈر بولۇپ قالماقتا.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر