2014 – يىلى پالاكەتلەر يىلى بولدى

2014 – يىلى ئىنسانىيەت دۇنياسى ئۈچۈن باشتىن – ئاخىر پالاكەتلەر يىلى بولدى.

237561
 2014 – يىلى پالاكەتلەر يىلى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بولسا بۇ پالاكەتلەرنى ھەل قىلىشتا مۇۋەپپەقىيەتسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ قالدى.
بۇ ئىبارىلەر، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ «دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى» سەرلەۋھىلىك دوكلاتىدىن ئورۇن ئالدى.
ھەر يىلى ئېلان قىلىنىدىغان دوكلاتتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزالىرىدىن، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە قەتلىئاملار مەسىلىسىدە ۋېتو قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلەتمەسلىك» ى تەلەپ قىلىندى.
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: «دۇيانىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرى دەھشەتلىك زوراۋانلىق ۋەقەلىرى، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە سەھنە بولۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما كىرىزىسلەرگە قايتۇرۇلغان خەلقئارالىق ئىنكاسلار نومۇس قىلارلىق ۋە ھېچقانداق تەسىرى يوق سەۋىيەدە قالدى.»
دوكلاتتا، دۇنيا لىدەرلىرىنىڭ پۇقرالارنى زوراۋانلىقتىن قوغداش ئۈچۈن تېز قارار ئېلىشلىرى مۇراجىئەت قىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جىددىي تەدبىر قوللىنىلمىغان تەقدىردە، ئىنسانىي كىرىزىسلەرنى ھەل قىلىشتا ئۈنۈملۈك نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولمايدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدا سېنتەبىر ئېيىدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، تەشكىلاتنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا يېتەرسىز قېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر