نىگېرىيەدە ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ 15 ئادەم ئۆلدى

نىگېرىيەدە ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ 15 ئادەم ئۆلدى، 53 ئادەم يارىلاندى.

231191
نىگېرىيەدە ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ 15 ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيەنىڭ شىمالىدا بىر ئاپتۇبۇس بېكىتىدە مەيدانغا كەلگەن بومبىلىق ھۇجۇمدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 15گە يەتتى. ۋەقەدە 53 ئادەم يارىلاندى.
پوتىسكۇم شەھىرىدە مەيدانغا كەلگەن ھۇجۇمدا بىر يولۇچىلار ئاپتۇبۇسى نىشانغا ئېلىندى. كانو شەھىرىگە مېڭىشقا تەييارلانغان ئاپتۇبۇسقا چىققان بىر ئايال ئۈستىگە تېڭىۋالغان بومبىنى پارتلاتتى. پارتلاشتا پارچىلىنىپ كەتكەن ئاپتۇبۇسقا ئوت كەتتى. شەھەردە ئالدىنقى كۈنى، بېلىگە پارتلاتقۇچ تېڭىۋالغان 7 ياشلىق بىر قىز بالا ئادەم بومبا بولغان بولۇپ، ۋەقەدە 7 ئادەم ئۆلگەنىدى.
نىگېرىيەدە بوكو ھارام ئاپتۇبۇس بېكەتلىرىگە، يېزىلارغا ۋە مەكتەپلەرگە ھۇجۇملار قوزغاپ تۇرماقتا، ئۇلار ئاياللار ۋە بالىلاردىن ئادەم بومبا سۈپىتىدە پايدىلىنىپ كەلمەكتە.
ە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر