لوندوندا يەر شارى خاراكتېرلىك قانۇن يىغىنى باشلاندى

ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا يەر شارى خاراكتېرلىك قانۇن يىغىنى باشلاندى.

231251
 لوندوندا يەر شارى خاراكتېرلىك قانۇن يىغىنى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماگنا كارتانىڭ 800 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ۋە ئۇدا 3 كۈن داۋاملىشىدىغان يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن دۆلەت باشلىقلىرى، مەسئۇللار ۋە قانۇنشۇناسلار ئىشتىراك قىلماقتا.
يىغىنغا تۈركىيەگە ۋەكالىتەن ئەدلىيە مىنىستىرى بەكىر بوزداغ، كۆپ ساندا پارلامېنت ئەزالىرى ۋە تۈركىيە قانۇنشۇناسلار بىرلىكىنىڭ ئەزالىرى قاتناشماقتا.
بوزداغ، يىغىندا سۆزلەيدىغان نۇتىقىدا، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە خەلقئارالىق ھەمكارلىقنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەيدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر