ئاۋسترىيەدە كۆچمەنلەر دۈشمەنلىكىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئاۋسترىيەنىڭ لىنز شەھىرىدە مىڭلارچە كىشى چەت ئەللىكلەر ۋە كۆچمەنلەرگە بولغان ئۆچمەنلىككە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

227674
ئاۋسترىيەدە كۆچمەنلەر دۈشمەنلىكىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نامايىشتا گېرمانىيەدە ئىرقچى ۋە كەمسىتىش ماھىيەتلىك سۆزلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان پېگىدا (غەربنىڭ ئىسلاملىشىشىغا قارشى ۋەتەنپەرۋەر ياۋروپالىقلار) ئېقىمىغا قارشى شوئارلارنى توۋلىدى. لىنزدا پېگىداغا ئورۇن يوقلۇقىنى ئەسكەرتكەن نامايىشچىلار، ئاۋسترىيەنىڭ بۇ تەشكىلاتنىڭ يۆنىلىشىدىكى تەشكىللىنىشلەرگە يول قويماسلىقىنى تەلەپ قىلدى.

نامايىشنى شەھەردىكى تۈركلەر باشقۇرۇشىدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارمۇ قوللاپ – قۇۋۋەتلىدى. كۈچلۈك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش قالايمىقانچىلىق يۈز بەرمەستىن ئاخىرلاشتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر