ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە تەرەپدارلىرى ئۆزئارا ئەسىر ئالماشتۇردى

ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى رۇسىيە تەرەپدارلىرى بىلەن ئۇكرائىنا ھۆكۈمەت كۈچلىرى ئۆزئارا ئەسىر ئالماشتۇردى.

227683
ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە تەرەپدارلىرى ئۆزئارا ئەسىر ئالماشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ قولىدىكى رۇسىيە تەرەپدارلىرى بىلەن توقۇنۇشلار ئەسناسىدا ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرى زولوبوك شەھىرىدە ئالماشتۇرۇلدى؛ ئۇكرائىنا تەرەپ 139 ئۇكرائىنا ئەسكىرىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، 52 رۇسىيە تەرەپدارىنى قويۇپ بەردى. ئۆتكۈزۈۋېلىنغان ئەسكەرلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ يارىدار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

بۇنىڭ يېقىنقى ئايلاردىكى بىر قېتىملىق ئەڭ چوڭ ئەسىر ئالماشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىنماقتا.

ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزۈلگەن بولۇشىغا قارىماي، بەزى رايونلاردا ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى بىلەن رۇسىيە تەرەپدارلىرى ئارىسىدا توقۇنۇشلار يۈز بېرىپ تۇرماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر