پاكىستان تالىبانلىرى خىتايغا تەھدىت سالدى

پاكىستان تالىبانلىرىنىڭ باياناتچىسى خىتاينىڭ خەلقئارالىق ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىنى چوڭ زىيانلارغا ئۇچرىتىدىغانلىقلىرىنى تىلغا ئالدى.

228217
پاكىستان تالىبانلىرى خىتايغا تەھدىت سالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: داڭلىق ئىنتېرنېت گېزىتلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالغان خەۋرلەرگە كۆرە، پاكىستان تالىبانلىرى ئۇيغۇرلارغا  يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بېسىم ۋە ئاسمىلاتسىيە سىياسىتى ھەققىدە خىتاينى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇ ئىنسانىيەتكە خىلاپ بېسىملارغا دەرھال خاتىمە بېرىلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان. ئەگەر ئۇنداق بولمىغان تەقدىردە خىتاينىڭ خەلقئارالىق ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىگە ئېغىر زىيانلارنى يەتكۈزۈش خاراكتېرلىك ھۇجۇملارنى باشلايدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سالغان.
پاكىستان تالىبانلىرىنىڭ باياناتچىسى ئېھسانۇللاھ ئېھسان، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ «ئىھيائىي خىلافەت» ناملىق ژۇرنىلىغا ئالدىنقى ئاي يازغان ماقالىسىدىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەگەر ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى توختاتمىغان تەقدىردە، خىتاينىڭ خەلقئارالىق ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىنىڭ چوڭ زىيانلارغا دۇچار قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
پاكىستان تالىبانلىرى باياناتچىسى ئېھسانۇللاھ ئېھسان ماقالىسىدە، «ئاز سانلىق مىللەت» دەپ بىلىنىدىغانئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرگە يۈزگۈزۈلۈۋاتقان دىنىي بېسىم ۋە چەكلىمىلەرنىڭ بارغانچە ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ بېسىملارنى دەرھال توختاتمىسا، بىزنىڭ مۇجاھىتلىرىمىزنىڭ پات يېقىندا خىتاينى ھۇجۇم نىشانى قىلىش ئېھتىمالى ئۇزاق ئەمەس» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتكەن.
خەۋرەلەردە بىلدۈرۈلىشىچە، پاكىستان تالىبانلىرىنىڭ باياناتچىسى ئېھسانۇللاھ ئېھساننىڭ بۇ باياناتى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 2014 - يىلى دېكابىر ئېيىدا پاكىستاندا زىيارەتتە بولۇش پىلانىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن جاكارلانغان بولۇپ، خىتاي تەرەپ كېيىنچە شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىنىڭ پاكىستاندىكى ئىچكى سىياسىي مۇقىمسىزلىق ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسى سەۋەبىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى  بىلدۈرگەن.
ئىنتېرنېت گېزىتلىرىدىكى خەۋرلەردە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئافغانىستان بىلەن ئافغانىستان تالىبانلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرىدا مۇرەسسەچىلىك رولى ئوينىماقچى بولۇۋاتقان بىر پەيتتە، پاكىستان تالىبانلىرى تەشكىلاتى تەرىپىدىن بۇنداق بىر تەھدىتنىڭ ئېلان قىلىنىشىنىڭ ئاخبارات ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
خەۋەرلەردە قەيت قىلىنىشىچە، تەخمىنەن 1 ئاي ئىلگىرى تالىبان ۋەكىللىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت خىتايدا زىيارەتتە بولغان. زىيارەتتىن كېيىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بايانات ئېلان قىلىپ، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن ئافغانىستان تالىبانلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىتاينىڭ مۇرەسسەچىلىك رولى ئوينىيالايدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
پاكىستان تالىبانلىرى ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدىن بىرسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر