سومالىدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 25 كىشى ئۆلدى
سومالىدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 25 كە يەتتى.
226997
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالىنىڭ پايتەختى موگادىشۇدا تۈنۈگۈن بىر مېھمانسارايدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 25 كە يەتتى. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئارىسىدا 2 مىنىستىر بىلەن موگادىشۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي ئىشلار مۇئاۋىن مەسئۇلى، يارىلانغانلار ئارىسىدا مۇئاۋىن باش مىنىستىر، ئىككى مىنىستىر ۋە 3 پارلامېنت ئەزاسىمۇ بار ئىكەن. تەكشۈرۈش جەريانىدا مېھمانساراي خادىملىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 12 كىشى قولغا ئېلىندى.
دۆلەت ئىچى – سىرتىدا قاتتىق تەسىر پەيدا قىلغان ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئەششاباب تەشكىلاتى ئۆز ئۈستىگە ئالغانىدى.