«ئى ش ئى د» ئىراقتا يېڭىدىن قەتلىئام ئېلىپ باردى

«ئى ش ئى د» تەرەپدارلىرى ئەسىر ئالغان 3 نەپەر ئەسەد ئەسكىرىنى قاتتىق ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، جەسىتىنى كوچىلاردا سورەپ سازايى قىلدى.

226031
«ئى ش ئى د» ئىراقتا يېڭىدىن قەتلىئام ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررولۇق تەشكىلاتى «ئى ش ئى د» ئىراقتا يېڭىدىن قەتلىئام ئېلىپ باردى.
ئىراقنىڭ ئەنبار ۋىلايىتىدىكى ئەلباغدادى يېزىسىدا 150 كىشىنى ئۆلتۈردى. ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەرنىڭ سۇنئىي «ئەلبۇ ئۇبەيدى» قەبىلىسى ئەزالىرى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
«ئى ش ئى د»نىڭ باغدات بىلەن دىيالا شەھىرىدىكى بومبا ھۇجۇملىرىدا بولسا، 9 كىشى ئۆلۈپ 34 كىشى يارىدار بولدى.
«ئى ش ئى د» مىلىتانلىرى كەركۈكتىمۇ پەشمەرگىلەرنىڭ كونتىروللۇقىدىكى بىر ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلدى. «ئى ش ئى د» مىلىتانلىرىنىڭ رايوندىكى ھۆكۈمەتكە تەۋە بىنالارغىمۇ ئوت قويۇپ بەرگەنلىكى قەيت قىلىندى.
كەركۈككە يۈك توشۇيدىغان تەخمىنەن 500 گە يېقىن تۈركىيە شوپۇرلىرىمۇ تېررولۇق تەھدىتى سەۋەبىدىن كەركۈك بىلەن باغدات ئوتتۇرىسىدىكى يولدا كۈتۈپ ياتماقتا.
سۈرىيەنىڭ راككا شەھىرىدە بولسا، «ئى ش ئى د» تەرەپدارلىرى ئەسىر ئالغان 3 نەپەر ئەسەد ئەسكىرىنى قاتتىق ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، جەسىتىنى كوچىلاردا سورەپ سازايى قىلدى. ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرىنىڭ جەسەتلىرىنى كوچىلاردا سورەپ سازائىي قىلغان كۆرۈنۈشلەرنى «ئى ش ئى د» ئىجتىمتائىي تاراتقۇلاردا تارقاتتى.
بۇ ئارىلىقتا 2014 – يىلى ئىيۇن ئېيىدىن بۇيان «ئى ش ئى د»نىڭ كونتىروللۇقىدا تۇرىۋاتقان مۇسۇل شەھىرىنى قايتۇرىۋېلىش ئۈچۈن ھەربىي ھازىرلىقلار داۋاملاشماقتا.
ئامېرىكا مەركىزى ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى، مۇسۇلنى قايتۇرۋېلىش ئۈچۈن ئىراقلىقلار ۋە كۈرتلەردىن تەشكىل تاپقان تەخمىنەن 25 مىڭ كىشىلىك بىر قىسىم تەشكىللەشكە ھازىرلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ھەربىي ئەمەلدار، مۇسۇل شەھىرىنى تەخمىنەن مىڭ ياكى ئىككى مىڭ ئەتراپىدىكى «ئى ش ئى د» مېلىتانلىرىدىن تازىلاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان مەزكۇر ھەربىي ھەرىكەتنىڭ ئاپرىل ياكى ماي ئېيىدا باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يەنە بىر تەرەپتە «ئى ش ئى د» گە قارشى كۈرەش قىلالىشى ئۈچۈن لىۋىيەگە قويۇلغان قورال ئېمبارگولىرىنىڭ بېكار قىلىنىشىغا دائىر تەلەپكە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك 2 ئەزاسىدىن رەت جاۋاپ كەلدى. ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە لىۋىيەگە قارىتىلغان قورال ئېمبارگوسى ئەمەلدىن قالدۇرىلىشتىن ئىلگىرى لىۋىيەدە دۆلەتلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر