لىۋىيەدە 3 ئايرىم - ئايرىم بومبا ھۇجۇمى

لىۋىيەدە 2011 – يىلى 17 - فېۋرالدىكى ئىنقىلابتىن بۇيان سىياسىي مۇقىملىق ئىشقا ئاشماي كەلمەكتە.

225846
لىۋىيەدە 3 ئايرىم - ئايرىم بومبا ھۇجۇمى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيەنىڭ بىنغازى شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان 3 ئايرىم - ئايرىم ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 20 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
توبروكتىكى پالاتاغا قاراشلىق ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى باياناتچىسى ئەھمەد ئەل مىسمارى ئادەم بومبىلاردىن ئىككىسىنىڭ پالاتا ئەزاسى ئاقىلە سالىھنىڭ ئۆيىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
مىسمارى ۋەقە جەريانىدا ئاقىلە سالىھنىڭ ئۆيىدە بار ياكى يوقلۇقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. قالغان ئىككى ۋەقەدە بولسا، ئەل كوببە ساقچى ئىدارىسى بىناسى بىلەن ماي قاچىلاش فونكىتىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
مىسمارى پارتلاشلار تۈپەيلى ئونلىغان كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
لىۋىيەدە 2011 – يىلى 17 - فېۋرالدىكى ئىنقىلابتىن بۇيان سىياسىي مۇقىملىق ئىشقا ئاشماي كەلمەكتە.
لىۋىيەدە ھازىرمۇ بىرسى توبرۇق پالاتاسى، يەنە بىرسى تىرابلۇس دۆلەت كېڭىشىدىن ئىبارەت ئىككى پارلامېنت تەڭ پائالىيەت قىلماقتا.
تىرابلوس دۆلەت كېڭىشى تەرىپىدىن قوللاپ قۇۋۋەتلىنىۋاتقان «لىۋىيە شەپىقى ئىتتىپاقى» بىلەن توبروق پالاتاسى ئارقا تۈرۈك بولۇۋاتقان «غۇرۇر ھەرىكىتى ئىتتىپاقى» ئوتتۇرىسىدىكى تۇقۇنۇشلار ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا.
زوراۋانلىق ۋەقەلىرى بولۇپمۇ مۇئەممەر قەززافى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن «2011 – يىلىدىكى ئىنقىلابنىڭ بۆشۈكى» دەپ تەرىپلەنگەن بىنغازى شەھىرىنى مەركەز قىلغان ئەھۋالدا تۇرماقتا.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر