دانىيە بىخەتەرلىك لايىھەسى تۈزدى

يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان ياۋروپادا يۈز بېرىۋاتقان تېررورلۇق ھۇجۇملىرى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن دانىيە ھۆكۈمىتى، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش مەقسىتىدە 150 مىليون دوللارلىق بىخەتەرلىك لايىھەسى تۈزدى.

224717
دانىيە بىخەتەرلىك لايىھەسى تۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە قوشۇمچە تەدبىرلەرگە ئېتىياج چۈشكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھۆكۈمەت، مەسىلىنىڭ ئۆتكەن ئاي پارىژدا يۈز بەرگەن Charlie Hebdo ھۇجۇمىدىن كېيىن كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكىنى، پايتەخت كوپېنھاگېندا ھەپتە ئاخىرىدا مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەردىن كېيىن قارار ئېلىنغانلىقىنى جاكارلىدى.
كوپېنھاگېندا 22 ياشلىق قوراللىق زوراۋان بىر چايخانا بىلەن بىر چېركاۋنى نىشان قىلغان ھۇجۇملاردا 2 كىشى ئۆلگەن، 5 ساقچى يارىلانغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر