گىرېتسىيەنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتلىقىغا پروكوپس پاۋلوپۇلوس سايلاندى

گىرېتسىيەدە سيرىزا رەھبىرى ئالېكسىس چىپراس رىياسەتچىلىكىدىكى بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ نامزاتى پروكوپس پاۋلوپۇلوس گىرېتسىيەنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتلىقىغا سايلاندى.

223360
گىرېتسىيەنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتلىقىغا پروكوپس پاۋلوپۇلوس سايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاۋلوپۇلوس ئىككى نامزات رىقابەتكە چۈشكەن سايلامنىڭ تۆتىنچى قېتىملىق باسقۇچىدا 300 ئورۇندۇقلۇق پارلامېنتتا 233 ئاۋازغا ئېرىشىپ پىرېزىدېنتلىققا سايلاندى.

پاۋلوپۇلوسنىڭ رەقىبى نىكوس ئالىۋىزاتوس 30 ئاۋازغا ئېرىشكەن بېلەت تاشلاشتا، بېلەت تاشلاش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن 32 پارلامېنت ئەزاسىنى قوشقاندا جەمئىي 295 پارلامېنت ئەزاسى بېلەت تاشلاش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

1950- يىلى 10- ئىيۇلدا مورا يېرىم ئارىلىنىڭ كالاماتا شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن گىرېتسىيەنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى پاۋلوپۇلوس، ئاتىنا (ئافىنا) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن فىرانسىيەدە ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئوقۇغان.

2000- يىلى يېڭى دېموكراتىيە پارتىيەسى تىزىملىكىدىن پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان پاۋلوپۇلوس، 2005 – يىلىدىن 2009- يىلىغىچە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر