دائېش ئىراقتا خەلق پىدائىيلىرىغا ھۇجۇم قىلدى

دائېش ئىراقتا خەلق پىدائىيلىرىغا تەۋە ھەربىي بازىلارغا ھۇجۇم قىلدى.

224187
دائېش ئىراقتا خەلق پىدائىيلىرىغا ھۇجۇم  قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دائېش ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى زوبا ئورمانلىق رايونىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان خەلق پىدائىي قىسىملىرىغا تەۋە ھەربىي بازىلارغا ھۇجۇم قىلدى.
ھۇجۇمدا 9 ئەسكەر ئۆلدى، دائېش رايوندىكى قورال-ياراغ ئىسكىلاتىنى مۇسادىرە قىلدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەر دائېشقا تەۋە ھەربىي بازىلارنى بومباردىمان قىلماقتا. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇداپىئە مىنىستىرلىكى پېنتاگون، سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەرنى تەربىيەلەش پىروگراممىسى دائىرىسىدا دەسلەپكى قەدەمدە 1200 سۈرىيەلىك ئۆكتىچىنىڭ تەربىيەلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پېنتاگون باياناتچىسى جون كۆربى، ھەربىي تەلىم-تەربىيە كۆرگەن ئۆكتىچىلەرنىڭ دائېشقا قارشى ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەربىي ھەرىكەتلەرگە قاتناشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ ئارىلىقتا، دائېشقا قارشى ئىتتىپاقداش كۈچلەرنى تەشكىل قىلىدىغان 26 دۆلەتنىڭ ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى ئىشتاب باشلىقلىرى ۋە ھەربىي ئەمەلدارلىرى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتا ئۇچراشتى.
ئىككى كۈن داۋاملىشىدىدىغان يىغىنغا تۈركىيەگە ۋاكالىتەن ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى ئىشتاب باشلىقى گېنېرال نەجدەت ئۆزەل ئىشتىراك قىلىدۇ. يىغىندا دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىشتىن سىرت سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر