دۇنيادا تور ھۇجۇمى كۆپەيمەكتە

كومپىيۇتېر خاككېرلىرىنىڭ 30 دۆلەتتە 100 دىن ئارتۇق بانكىنىڭ سىستېمىسىدىن 1 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق پۇلنى ئوغرىلاپ كەتكەنلىكى، تور ھۇجۇمى مەسىلىسىنى قايتىدىن كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى.

223776
دۇنيادا تور ھۇجۇمى كۆپەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە بىخەتەرلىك شىركىتى «كاسپېرسكى لەب» نىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، كومپىيۇتېر خاككېرلىرى 30 دۆلەتتە 100 دىن ئارتۇق بانكىنىڭ سىستېمىسىغا كىرىپ، 1 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق پۇلنى ئوغرىلاپ كەتكەن. بۇ ۋەقە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تور ھۇجۇمىغا قارىتىشقا سەۋەب بولغان.
ئانادولۇ مۇخبىرىغا بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرگەن « IBM» شىركىتىنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسى نۇرەتتىن ئەرگىنئۆز، گەرچە ئىنتېرنېتتە ھەر يىلى كەمچىلىكلەر تولۇقلىنىپ تۇرغان بولسىمۇ، ئىنتېرنېت تور ھۇجۇملىرىنىڭمۇ ھەسسىلەپ كۆپەيگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ IBM دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 2013 – يىلى 500 مىليوندىن ئارتۇق تىزىمغا ئېلىنغان تور ھۇجۇمىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، 2014 – يىلى بولسا، بۇ ساننىڭ نەچچە ھەسسە كۆپەيگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ تور ھۇجۇمىنىڭ ھەر خىل ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، ئىنتېرنېتتىكى كەمچىلىكلەر ھەر يىلى %10 ئازايسىمۇ، يېڭىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلغان زىيانلىق يۇمتاللار ۋە تېخنىكىدىكى بەزى يېتەرسىزلىكلەر تۈپەيلىدىن، بىر قانچە يۈز مىليارد دوللارلىق ئىقتىسادىي زىيان كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر