سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرى ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرىگە قاقشاتقۇچ زەربە بەردى

بۇ ئۇرۇش نەتىجىلىرى ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە ئەگىشىپ، ئىچكى ئۇرۇش باشلانغانلىقىغا 5 يىل بولغان ئەمدىكى مەزگىلدە، سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىش ئۈمىدى كۆرۈلگەنلىكىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

222254
سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرى ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرىگە قاقشاتقۇچ زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرى ئەسەد ئەسكەرلىرىگە قاقشاتقۇچ زەربە بەردى
ھەلەپنىڭ شىمالىغا قاراپ ئىلگىرىلىگەن قوزغىلاڭچىلار ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ 195 نەپەر ئەسكىرىنى ئۆلتۈردى.
قوزغىلاڭچىلار رايوندىكى ناھىيە ۋە يېزىلارنىڭ كونتېروللۇقىنىمۇ ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرىدىن قايتا تارتىۋالدى.
بۇ ئۇرۇش نەتىجىلىرى ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە ئەگىشىپ، ئىچكى ئۇرۇش باشلانغانلىقىغا 5 يىل بولغان ئەمدىكى مەزگىلدە، سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىش ئۈمىدى كۆرۈلگەنلىكىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىتلاتى سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى سىتېفىن دە مىستۇرا ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ ھەلەپتە 6 ھەپتىلىك ئۇرۇش تۇختىتىشقا قىزىقىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دوكلات سۇنغاندىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرغان مىستۇرا، بۇ قېتىمقى سۈرىيە زىيارىتى جەريانىدىكى ئۇچرىشىشلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
مىستۇرا ئەسەد ئەسكەرلىرىنىڭ ئىنسانپەرۋەر ياردەم كارىدورى ئېچىلىشى ئۈچۈن ھەلەپتە 6 ھەپتىگىچە ھاۋادىن بومباردىمان قىلىشنى ۋە قورۇغلۇقتىن ئېغىر تىپلىق قوراللارنى ئىشلىتىشنى توختىتىشقا قوشۇلغانلىقىنى ئېيتتى.
مىستۇرا ئىلگىرى نەتىجىلىك بولالمىغان ئۇرۇش تۇختىتىش تىرىشچانلىقلىرىنىمۇ كۆزدە تۇتقان ھالدا مەسلىگە تەمكىن مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى، بىراق ئۈمىدسىز ئەمەسلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
ئەگەر ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش غەلىبىلىك بولغان تەقدىردە، ھەم ئۇرۇش رايوندكى پۇقرالارنى بىخەتەر جايلارغا يۆتكەشنىڭ ئىشقا ئاشىدىغانلىقى، ھەم ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن ئاساس يارىتىلغان بولىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
دېپلوماتىك مەنبەلەر بولسا، ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ھۇمۇستا ئۇرۇش توختىتىش تىرىشچانلىقىنى يېڭى نۇقتىلارنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن تاكتېكا ئورنىدا ئىشلەتكەنلىكى تۈپەيلىدىن پىلانغا گۇمان بىلەن قارىماقتا.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر