كوسوۋا مۇئاۋىن باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

كوسوۋا مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھاشىم تاچى بۈگۈن تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

221765
كوسوۋا مۇئاۋىن باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 20 – فېۋرالغچە تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدىغان تاچى، كوسوۋا – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونلۇق مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارىدۇ.
كوسوۋا – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنى ھەر ساھەدە يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىمكانىيەتلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ھاشىم تاچىنىڭ زىيارىتىغا مۇناسىۋەتلىك باياناتىدا، «كۆپ ئېتنىك مىللەتلىك، كۆپ مەدەنىيەتلىك، دېموكراتىك ۋە تەرەققىي تاپقان بىر كوسوۋانىڭ، بالقان رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى جەھەتتىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغان تۈركىيە، مۇستەقىللىق ئېلان قىلغاندىن بۇيان بۇ دۆلەتكە بېرىۋاتقان ياردىمىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرماقتا، دۆلىتىمىزنىڭ بۇ ئىرادىسى قەتئىي بولۇپ، ئاداققىچە داۋاملىشىدۇ» دېيىلدى.
زىيارەت، ياش كوسوۋا جۇمھۇرىيىتى


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر