«دائېش ئىچكى ئەزا ئەتكەسچىلىكى قىلىۋاتىدۇ»

دائېشنىڭ ئىچكى ئەزا ئەتكەسچىلىكى قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

222588
«دائېش ئىچكى ئەزا ئەتكەسچىلىكى قىلىۋاتىدۇ»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مۇھەممەد ئەل ھەكىم، خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىن «دائېشنىڭ ئىچكى ئەزالار ئەتكەسچىلىكى قىلىۋاتقانلىقى»غا دائىر قاراشلارنىڭ تەكشۈرۈلۈشىنىڭ تەلەپ قىلدى.
باش ئەلچى كېيىنكى كۈنلەردە كوللىكتېپ مازارلىقلاردا بۆرەك ياكى باشقا ئىچكى ئەزالىرى ئېلىۋېلىنغان جەسەتلەر ۋە بەدەن پارچىلىرىنىڭ تېپىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئەل ھەكىم كېڭەشكە مۇنداق خىتاب قىلدى: «قولىمىزدا ئىچكى ئەزالىرى ئېلىۋېلىنغان جەسەتلەر بار، سىلەر ئۇلار ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىڭلار.»
باش ئەلچى مۇسۇلدىكى نۇرغۇنلىغان دوختۇرنىڭمۇ جەسەتلەرنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىشنى رەت قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى. ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئىراقنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدە مەلۇمات بەرگەن باش ئەلچى مۇھەممەد ئەل ھاكىم، يانۋاردا تېررورىزىم ۋە توقۇنۇش نەتىجىسىدە 790 ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتىپ، دائېشنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ قىرغىنلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر