ئۇكرائىنادا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى
ئۇكرائىنادا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى بۆلگۈنچى رۇس كۈچلىرىنىڭ يەكشەنبە كۈنى 12 ھەربىي بازىغا ھۇجۇم قىلىپ، 5 ئۇكرائىنا ئەسكىرىنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىنى، 25نىڭ يارىلاندۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي رايونلىرىدا تۈنۈگۈن چوڭ-كىچىك بولۇپ 50 دەك ۋەقە يۈز بەردى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالانغان بولسىمۇ، توختىماي ۋەقە يۈز بېرىپ تۇرۇشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىيدە ئۆز-ئارا توقۇنۇشىۋاتقان تەرەپلەر بىلەن، بۆلگۈنچى رۇس كۈچلىرىنى قوللاپ كېلىۋاتقان موسكوۋا ھۆكۈمىتىنى دەرھال ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىردى. بولۇپمۇ ئىستىراتېگىيەلىك ئورنى بولغان دەبالتسېۋو شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا قويۇق ھالدا يۈز بېرىپ بېرىۋاتقان توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن، تەرەپلەر مىنىسك كېلىشىمىدە كۆرستىلگەن ئېغىر تىپلىق قوراللارنى رايوندىن ئېلىپ كېتىشكە مۇناسىۋەتلىك ماددىنىڭ روھىي بويىچە ئىش تۇتمىدى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى جېن پىساكى، بۆلگۈنچى رۇس كۈچلىرىدىن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى باشتىن-ئاخىرى قوللاپ كېلىۋاتقان ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا يېقىندىن ماسلىشىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغاندىن كېيىن ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى خادىملىرى توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن دەبالتېسېۋودا خىزمەت قىلالمىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ.
ئافغانىستاندا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئافغانىستاننىڭ غور ۋىلايىتىدە بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان دەريا قىرغىقىغا چۈشۈپ كەتتى.