نىگېرىيەدە ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ 9 ئادەم ئۆلدى

نىگېرىيەدە ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

219796
نىگېرىيەدە ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ 9 ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى روبې ئۆلكىسىنىڭ داماتۇرۇ شەھىرىدە بىر ئايال ئادەم بومبا ئۈستىگە تېڭىلغان بومبىنى پارتلىتىپ 9 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، 20 ئادەمنى يارىلاندۇردى.
بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ھازىرغىچە ھېچكىم ئۈستىگە ئالمىدى، نىگېرىيەنىڭ شىمالىدا بوكو ھارام تەشكىلاتىنىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش ھۇجۇملارنى سادىر قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
تەخمىنەن 160مىليون نوپۇسى بولغان نىگېرىيەدە، 2015-يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ بوكو ھارام تەشكىلاتى ئىزچىل تېررورلۇق قىلمىشى سادىر قىلىپ كەلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر