ئى ش ئى د قارارنامىسى قوبۇل قىلىندى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئى ش ئى د قارارنامىسىنى بىردەك ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلدى.

218142
 ئى ش ئى د قارارنامىسى قوبۇل قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى، تېررورلۇق تەشكىلاتى ئى ش ئى دنىڭ مالىيە مەنبەلىرىنى قۇرۇتۇش ئۈچۈن يېڭى تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قارارنامىنى بىردەك ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلدى.
رۇسىيە تەرىپىدىن ھازىرلانغان ۋە تۈركىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن دۆلەتلەر قوللاۋاتقان قارارنامە ئارقىلىق، ئى ش ئى د نىڭ نېفىت، تارىخىي ۋە مەدەنىي يادىكارلىقلارنى سېتىشى ۋە فىدىيە كىرىملىرى بىلەن تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى مالىيە جەھەتتىن ياردەم بېرىشىگە تاقابىل تۇرۇش نىشان قىلىنماقتا.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئۈچۈن قانۇنىي مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان قارارنامىدە، پۈتكۈل دۆلەتلەرگە ئى ش ئى د نىڭ تېررورلۇق پائالىيەتلىرىدىن كىرىمگە ئىگە بولۇشىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرىق قىلىندى.
قارارنامىدە، ئى ش ئى د دىن نېفىت ياكى تارىخىي يادىكارلىق سېتىۋالغان، بۇنىڭغا ۋاسىتىچىلىك قىلغان ياكى ياردەم بەرگەنلەرگە ھەمدە تەشكىلاتلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇۋېلىش ئۈچۈن فىدىيە بەرگەنلەرگە نو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
تەشكىلاتنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىشى ۋە نېفىت ئايرىش زاۋۇتى ئىشلىتىشىنى مەنئىي قىلىدىغان قارارنامىدە، ئى ش ئى د ياكى نۇسرە ئالدىنقى سېپىغا ئوخشىغان ئەلقائىدە بىلەن چېتىشلىقى بار ەۇرۇپپىلارنىڭ نېفىت سېتىشىغا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك داخىل بولغان شەخسلەرنىڭ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن ئەلقائىدەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش مەقسىتىدە تۇرغۇزۇلغان تىزىملىككە كىرگۈزۈلىدىغانلىقى تەكىتلەندى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تېررورىزمغا قارشى كۈرەش كومىتېتى تەرىپىدىن بۇلتۇر ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا، ئى ش ئى د نىڭ فىدىيەدىن يىلىغا 35 مىليون دوللاردىن ئارتۇق كىرىم كىرگۈزىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەنىدى.
بۇ ئارىلىقتا، ئىراقنىڭ ئەنبەر ۋىلايىتىدە ئەلباغدادى يېزىسىنىڭ كونىتروللۇقىنى قولغا كىرگۈزگەن ئى ش ئى د، ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئىراق ئارمىيەسىنى مەشق قىلدۇرۇۋاتقان ھەربىي بازىغا ھۇجۇم قىلدى، بىراق بازىنى قولغا كىرگۈزۈشگە مۇۋەپپەق بولالمىدى. بازىدا ئىراق ئارمىيەسى ئەسكەرلىرىنى مەشق قىلدۇرۇۋاتقان 320 نەپەر ئامېرىكىلىق ھەربىي مەسلىھەتچى بار ئىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئى ش ئى د سۈرىيەدە تېگى ئەرەب ئىسرائىلىيەلىك بىر جاسۇسنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىسرائىلىيە مەنبەلىرى بولسا 19 ياشلىق مۇھەممەد مۇسەللىمنىڭ ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئى ش ئى د نىڭ سېپىگە قېتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر