خىتايدا يۇقۇملۇق كېسەل تۈپەيلى 1271 كىشى ئۆلدى
ئۆتكەن دېكابىر ئېيىدىمۇ خىتايدا 1710 كىشى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تۈپەيلى ئۆلگەن ئىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدا يانۋار ئېيى ئىچىدىلا يۇقۇملۇق كېسەللىك تۈپەيلى ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 1271 كىشىگە يەتتى.
خىتاي دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كېڭىشى، خىتايدا يانۋار ئېيىدا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر نىسبىتىنىڭ ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %10 ئېشىپ، 1271 كىشىگە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
خىتاي مىقياسىدا 500 مىڭدىن ئارتۇق كىشىدە خەتەرلىك يۇقۇملۇق كېسەل بايقالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسىگە جىگەر ياللۇغى، ئۆپكە تېبىرېكولوز، قىزىل ۋە سىبلىس كېسەلىكلىرى سەۋەب بولغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
ئۆتكەن دېكابىر ئېيىدىمۇ خىتايدا 1710 كىشى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تۈپەيلى ئۆلگەن ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئوخايودا قوراللىق ۋەقە يۈز بەردى
ئامېرىكانىڭ ئوخايو ئىشتاتىدا بىر تۇغۇلغان كۈن زىياپىتىدە، قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى.