ئارگېنتىنانىڭ غەربىي شىمالىدا يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلدى
چىلى – ئارگېنتىنا چېگرىسىدا 6.7 يەر تەۋرىدى، ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى.
217479
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ ئارگېنتىنانىڭ جۇجۇي ئارىلى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى گېئولوگىيەلىك تەتقىقات مەركىزى، يەر تەۋرەشنىڭ يەر تېگىدىن 190 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا مەيدانغا كەلگەنلىكىنى جاكارلىدى.
يەر تەۋرەشنىڭ ناھايىتى چوڭقۇرلۇقتا مەيدانغا كېلىشى تۈپەيلى قاتتىق تەۋرىنىش ھېس قىلىنمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن مۇتەخەسسىسلەر، دېڭىز تاشقىنى خەۋپىنىڭمۇ يوقلۇقىنى تەكىتلىدى.