تەيۋەندىكى بىر تۈرمىدە ئىسيان كۆتۈرگەن مەھبۇسلار ئۆلۈۋالدى

تەيۋەندىكى بىر تۈرمىدە ئىسيان كۆتۈرگەن مەھبۇسلار ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرۈۋالدى.

217012
تەيۋەندىكى بىر تۈرمىدە ئىسيان كۆتۈرگەن مەھبۇسلار ئۆلۈۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەيۋەندىكى بىر تۈرمىدە تۈرمە باشلىقىنى گۆرۈگە ئالغان مەھبۇسلار ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرۈۋالدى.
تەيۋەننىڭ جەنۇبىدىكى مەلۇم بىر شەھەردە بىر تۈرمە باشلىقى بىلەن بەزى گۇندىپايلارنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىپ ئىسيان كۆتۈرگەن 6 مەھبۇسنىڭ تەلەپلىرى قوبۇل قىلىنمىغانلىقتىن ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مۇئاۋىن ئەدلىيە مىنىستىرى چىن مىڭ تاڭ پايتەخت تەيبېيدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، مەھكۇملارنى قايىل قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقلىرىنى، بىراق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالمىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.
چىن بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەھبۇسلارغا تەلەپلەرنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقلىرىمىزنى، گۆرۈگە ئېلىۋالغۇچىلارنى قويۇپ بېرىپ تەسلىم بولغان تەقدىردە ھېچقانداق جازاغا ئۇچرىمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتۇق. تۈنۈگۈن كېچىدە تۈرمە باشلىقىدىن باشقا گۆرۈگە ئېلىنغۇچىلارنى قويۇپ بەردى. ئارقىدىن ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرۈۋالدى. تۈرمە باشلىقى قېچىپ قۇتۇلدى. ۋەقە ئەسناسىدا 5 نەپەر تۈرمە خادىمى يېنىك يارىلاندى.»
«بامبۇ ئىتتىپاقى» ناملىق گۇرۇھقا ئەزا چىڭ لى باشچىلىقىدىكى مەھبۇسلار، تۈنۈگۈن تۈرمىدىكى قورال-ياراغ ئىسكىلاتىدىن 6 مىلتىق ۋە 200دىن ئارتۇق ئوقنى بۇلاپ، تۈرمە گۇندىپايلىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋالدى. 28يېرىم يىل قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان چىڭ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن تەقدىردە تۈرمە باشلىقى چىڭ شى چىنى قويۇپ بېرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر