خىتاي مەتبۇئات ئەركىنلىكىدە كەينىدىن سانىغاندا بەشىنچى...

خىتاي مەتبۇئات ئەركىنلىكىدە كەينىدىن سانىغاندا بەشىنچى بولدى.

217331
خىتاي مەتبۇئات ئەركىنلىكىدە كەينىدىن سانىغاندا بەشىنچى...

ئامېرىكا ئاۋازىدا ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە،خەلقئارا مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتايدا قاماقتا يېتىۋاتقان مۇخبىرلارنىڭ سانىنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان.
تەشكىلات 180 دۆلەت ۋە رايوننىڭ مەتبۇئات ئەركىنلىكى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ ، خىتاينىڭ 176 قاتاردىن ئورۇن ئېلىپ كەينىدىن سانىغاندا بەشىنچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
«چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى» پەيشەنبە كۈنى مەتبۇئات ئەركىنلىكى ھەققىدە ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئارقىدىن سانىغاندىن بەشىنچى بولۇپ، بۇلتۇرقىغا قارىغاندا تېخىمۇ كەينىگە كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
«چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى»نىڭ ئامېرىكا ئىشخانىسى مۇدىرى دېلفىن ھالگاند، خىتايدا قاماقتا يېتىۋاتقان مۇخبىرلارنىڭ سانىنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرىنى ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن چەكلەپ كەلگەنلىكى تۈپەيلى، مەتبۇئات ئەركىنلىكى ساھەسى بويىچە كەينىدە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
«چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى» مەتبۇئات ئەركىنلىكى تەشكىلاتلىرى ئىچىدە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ تەشكىلات بولۇپ، 2002-يىلدىن بۇيان دۇنيادىكى 180 دۆلەت ۋە رايوننىڭ ئۇچۇر-ئالاقە ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكى ئۈستىدە دوكلات تەييارلاپ كەلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر