گىرېتسىيە بىلەن گېرمانىيەنىڭ مۇناسىۋىتى يىرىكلەشتى

گىرېتسىيە گېرمانىيەدىن تۆلەم تەلەپ قىلدى.

216700
گىرېتسىيە بىلەن گېرمانىيەنىڭ مۇناسىۋىتى يىرىكلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە باش مىنىستىرى ئالېكسىس چىپراس 2-دۇنيا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن گېرمانىيەدىن تۆلەم تەلەپ قىلىدىغانلىقى ھەققىدە بەرگەن باياناتى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك كىرزىس كەلتۈرۈپ چىقاردى.
گېرمانىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى سىگمار گابرىيىل پارلامېنتتا سۆز قىلىپ، مەسىلىنىڭ 1990-يىلى ئىككى گېرمانىيەنىڭ بىرلىشىشى بىلەن تەلتۈكۈس ھەل بولغانلىقىنى، قايتىدىن كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشنىڭ بىمەنىلىك بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن فېدراتىپ گېرمانىيە ۋە شەرقىي گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدا 1990-يىلى ئىمزالانغان ۋە گىرېتسىيە تەرىپىدىنمۇ ئىمزالانغان كېلىشىمنىڭ روھىي بويىچە بۇ ئىشنىڭ قانۇن جەھەتتىن ئاللىبۇرۇن ھەل بولغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن گابرىيىل: «بۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، بۇنىڭدا چىڭ تۇرۇشنىڭ زەررىچىلىك پايدىسى يوق» دېدى.
گېرمانىيە پىرېزىدېنتى جوھىكىم گاكمۇ 2013-يىلدىكى ئافېنا زىيارىتى ئەسناسىدا، گىرىتسىيەلىك مۇخبىرلارنىڭ ئۇرۇش تۆلەم پۇلىغا مۇناسىۋەتلىك سورىغان سوئالىغا قارىتا، 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئەسناسىدا ناتسىست گېرمانىيەنىڭ گىرېتسىيەدە سادىر قىلغان جىنايەتلەر تۈپەيلى كەچۈرۈم سورىغان، بىراق تۆلەم تەلىپى مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر