ئىسرائىلىيە – مىسىر چېگرىسىداتوقۇنۇش يۈز بەردى

ئىسرائىلىيە – مىسىر چېگرىسىدا مىسىر ئەسكەرلىرى بىلەن توقۇنۇشقان ئىسرائىلىيەلىك 2 قاچاق ئۆلتۈرۈلدى.

215852
ئىسرائىلىيە – مىسىر چېگرىسىداتوقۇنۇش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نىزانا رايونىدا مەيدانغا كەلگەن ۋەقەدىن كېيىن ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئاگاھلاندۇرۇش ئوقى ئاتقان. رادىيونىڭ زىيارەت خاتىرىسىنى قوبۇل قىلغان ھەربىي مەنبەلەر، ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا زەھەرلىك چېكىملىك پوسۇلكىلىرىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
مىسىر ھەربىي مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە تەرەپتىن بىر قاچقۇنقا ئوق چىقىرىلغان بولۇپ، بۇ كىشىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىش مۇمكىن بولمىغان.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر