ئەھمەدى نېجاد TRT نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى

ئۇدا 8 يىل غەربكە دۇئېل ئېلان قىلغان ۋە دۆلىتىنىڭ يادرو پائالىيەتلىرىدىن ۋاز كەچمىگەن ئىراننىك سابىق پىرېزىدېنتى مەھمۇد ئەھمەدى نېجاد TRT نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

215854
ئەھمەدى نېجاد TRT نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رايوننىڭ ئىككى بۈيۈك كۈچى تۈركىيە بىلەن ئىراننىڭ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن ئەھمەدى نېجاد، ئىسلام دۆلەتلىرى ئارىسىغا پىتنە ئۇرۇقى چېچىۋېتىشكە ئۇرۇنۇلۇۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بۇ تۇزاققا چۈشمەنلىكنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتتى.
ئەھمەدى نېجاد، ئىراننىڭ يادرو پائالىيەتلىرى توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئىراننىڭ پارتىيەلەردىنمۇ، سىياسەتتىنمۇ ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغان مىللىي مەسىلىسىدۇر. ئىران يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھدىنامىسىنى قوبۇل قىلغان دۆلەت، شۇڭا دۆلىتىمىزنىڭ نىشانى يادرو قوراللىرى ئەمەس، پەقەت يادرو ئېنېرگىيەسىلا ئىشلەپچىقىرىش، چۈنكى يادرو ئېنېرگىيەسىگە ئىگە بولۇش پۈتكۈل دۆلەتلەرگە ئوخشاشلا ئىراننىڭمۇ ئەڭ تەبىئىي ھەققى.»
ئەھمەدى نېجاد، تۈركىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىگە بېرىۋاتقان ياردىمىنى ماختاپ مۇنداق دېدى: «قۇددۇس ھەممىمىزنىڭ مىراسى، جۈملىدىن پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس جايىدۇر. مەسجىدى ئەقسانىڭ ئاياغ ئاستى قىلىنىشى ھەممىمىزنىڭ قاتتىق غەزىپىمىزنى قوزغىدى، بۇنى ئەسلا كەچۈرمەيمىز. ئىشغال ئاستىدىكى تۇپراقلاردا بۇلدۇقلاپ قان ئاقماقتا. تۈركىيەمۇ پەلەستىن دەۋاسىنى باشتىن – ئاخىر قوللاپ كەلمەكتە، بۇ بىزنى چەكسىز ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا چۆمدۈرمەكتە.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر