مېركېل ۋاشىنگتون زىيارىتىنى باشلىدى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل 11 – يانۋار مىنسىكتە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇكرائىنا يىغىنىدىن بۇرۇن ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولدى.

215266
مېركېل ۋاشىنگتون زىيارىتىنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما مېركېل بىلەن كۆرۈشۈپ، مەسىلە دىپلوماتىك ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىنالمىغان تەقدىردە قورال ياردىمىنىڭ تاللاش يولى بولۇش ئېھتىمالىنى ئېيتتى. ئۇ قورال ياردەم قىلىشتىكى مەقسەتنىڭ ئۇكرائىنانى ھۇجۇم قىلىش ئورنىغا ئىگە قىلىش ئەمەس، بەلكى مۇداپىئەسىنى قوللاش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى. ئۇ دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «قورال بىلەن ياۋروپا خەرىتىسىنىڭ قايتىدىن سىزىلىشىغا رۇخسەت قىلالمايمىز» دېدى. ئۇ رۇسىيە بەرگەن ۋەدىسىنى ئورۇنلىمىغىچە ئېمبارگولارنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل مەسىلىنى دىپلوماتىك ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىش مەيدانىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۇكرائىنادا ئۇرۇش توختىتىشقا بولغان ئۈمىدىنى تىلغا ئېلىپ: «بارلىق تەرەپلەرنىڭ ئالدىن تەييارلانغان ۋە مۇزاكىرە قىلىنغان كېلىشىمنى خالايدىغان ياكى خالىمايدىغانلىقىنى كۆرىمىز» دېدى. ئۇ ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ ئېمبارگو ۋە دىپلوماتىك ئۇسۇللار مەسىلىسىدە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر