ئون مىڭلارچە مۇسۇلمان چارلىې ھېبدوغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

لوندوندا ئون مىڭلاچە مۇسۇلمان بىر يەرگە جەم بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەجۋىي رەسىملىرىنى ئېلان قىلغان چارلىې ھېبدو ژۇرنىلىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

214628
ئون مىڭلارچە مۇسۇلمان چارلىې ھېبدوغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇسۇلمانلارغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن ئاشقۇن ئوڭچىلار بىلەن مۇسۇلمان نامايىشچىلار ئارىسىدا سۈركىلىش كېلىپ چىقتى. ساقچىلار نامايىشىچىلارنى باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىنىڭ ئالدىدىن مىڭبىر مۇشەققەتتە يىراقلاشتۇردى.

باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىنىڭ ئالدىغا توپلانغان نامايىشچىلار، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ توختىتىلىشى ئۈچۈن باش مىنىستىر ديېۋىد كەمېرونغا خىتابەن يېزىلغان بىر پارچە مەكتۇپنى باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى مەسئۇللىرىغا تاپشۇردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر