مىسىردا پۇتبول مۇسابىقىسى پاجىئەسى... 25 ئادەم ئۆلدى

مىسىر پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ زەمالىك – ENNPİ مۇسابىسىقىدىن ئىلگىرى ۋەقە يۈز بېرىپ، 25 ئادەم ئۆلدى.

214697
مىسىردا پۇتبول مۇسابىقىسى پاجىئەسى... 25 ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت قاھىرەدە ENNPİ كوماندىسى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقىدىن ئىلگىرى زالغا بېلەتسىز كىرمەكچى بولغان زەمالىك تەرەپدارلىرى ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشتى؛ ساقچىلارنىڭ مۇچ گازى پۈركۈشىدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن پاتپاراقچىلىقتا 25 ئادەم ئۆلدى، كۆپ ساندا ئادەم يارىلاندى. 20 كىشىنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى، شۇ سەۋەبتىن ئۆلگەنلەر سانىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ۋەقە يۈز بەرگەن بولۇشىغا قارىماي ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقە 1 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى. ۋەقەدىن كېيىن جىددىي يىغىن چاقىرغان مىسىر ھۆكۈمىتى، ئىككىنچى بىر ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغۇچە پۇتبول بىرلەشمىسى مۇسابىقىلىرىنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

2012- يىلى مىسىرنىڭ پورت سەئىد شەھىرىدە ئەلئەھلى كوماندىسى بىلەن ئەلمىسرى كوماندىلىرى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن پۇتبول مۇسابىقىسى جەريانىدا ۋەقە چىقىپ، 74 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، يۈزلەرچە ئادەم يارىلانغانىدى. ئۇ چاغدا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ مۇسابىقىلىرى 1 يىل بويىچە توختىتىپ قويۇلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر