دائېش ( ئى ش ئى د) قا قارشى قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى باشلىنىدۇ

ئىراق ئارمىيەسىنىڭ پات يېقىندا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش (ئى ش ئى د) قا قارشى قۇرۇقلۇقتىن ھەرىكەت باشلايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

214508
دائېش ( ئى ش ئى د) قا قارشى قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىيوردانىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى – ئومان – نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دائېشقا قارشى خەلقئارا كۈرەش كۈچلىرىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى جون ئاللېن، قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارا بىرلەشمە كۈچلەرنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

خەلقئارا بىرلەشمە كۈچلەرنىڭ قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى ئۈچۈن 12 ئىراق باتالىيونىنى تەربىيەلەپ چىقىپ قوراللاندۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئاللېن، نۆۋەتتە 62 دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرلەشمە كۈچلەرنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن شەرقىي ئاسىيا ئەللىرىگە مۇراجىئەت قىلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئاللېن، دائېشقا قارشى ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئىستراتېگىيەنىڭ تەشكىلاتنى بىتچىت قىلىشنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ مۇسۇلنى، ئارقىدىن باشقا بەزى رايونلارنى قولغا كىرگۈزۈۋېلىشى بىلەن باشلانغان توقۇنۇشلار داۋام قىلماقتا.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرمۇ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئارقىلىق ئەسكەرلەرگە ياردەم قىلىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىراق ئارمىيەسىگە «ئەسكىرىي جەھەتتە مەسلىھەتچىلىك» قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى قوماندانلىرىدىن سەييىد رىزا ھۇسەينى مۇقەددەمنىڭ دائېشنىڭ مەرگەنلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر