24 سائەت ئىچىدە ئىككى تەرەپتىن 82 ئادەم ئۆلدى

ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا رۇسىيە تەرەپدارلىرىدىن 70، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىدىن 12 ئادەم ئۆلدى.

214867
24 سائەت ئىچىدە ئىككى تەرەپتىن 82 ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىلىرىدىن ۋولودىمىر پوليوۋ، رۇسىيە تەرەپدارلىرىنىڭ رايونغا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە تانكا، بىرونېۋىك، كۆپ خىل ئىقتىدارلىق روكېتامىيۇت دېگەندەك ئەسكىرىي لازىمەتلىكلەرنى توپلاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

يەنە بىر تەرەپتىن گېرمانىيەدە چىقىدىغان فرانكفۇرتېر ئالگېمېئىن گېزىتى، ئۇكرائىنادىكى ئۆلگەنلەر سانىنىڭ ئېلان قىلىنغاندىن 10 ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. گېزىتنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، 2013- يىلى باشلىنىپ، 2014- يىلى ئاپرېلدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالانغان بولۇشىغا قارىماي توقۇنۇشلار توختىمىغان ئۇكرائىنادا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 50 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەن. ب د ت بۇ ساننى 5683 دەپ قارىماقتا.

ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىش يولىدىكى دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارمۇ داۋام قىلماقتا؛ گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيە رەھبەرلىرى تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، چارشەنبە كۈنى مىنسكتە ئۇچرىشىشنى قارار قىلدى. يىغىندا فىرانسىيە بىلەن گېرمانىيە تولۇقلاشقا تىرىشىۋاتقان تىنچلىق پىلانى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئولاند ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى كىرىزىسنىڭ ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىپ چىقىش مەقسىتىدە جۈمە كۈنى رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا، ئۇنىڭدىن بىر كۈن ئىلگىرى ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىئېۋدە پىرېزىدېنت پوروشېنكو بىلەن كۆرۈشكەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر