ئىيوردانىيە دائېش (ئى ش ئى د )قا قاقشاتقۇچ زەربە بەرمەكتە

ئىيوردانىيە دائېش (ئى ش ئى د )قا تەۋە بازىلارنى بومباردىمان قىلماقتا.

214344
ئىيوردانىيە دائېش (ئى ش ئى د )قا قاقشاتقۇچ زەربە بەرمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىيوردانىيە بىر ئۇچقۇچىسىنىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەرىپىدىن ۋەھشىيلەرچە قەتلى قىلىنىشىدىن كېيىن ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە تەۋە بازىلارنى بومباردىمان قىلىماقتا.
ئىيوردانىيە ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانى ئۇچقۇچىسىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە تەۋە بازىلارنى 3 كۈن ئىچىدە 56 قېتىم بومباردىمان قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
ئىيوردانىيە ئايرۇپىلانلىرىنىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە تەۋە تەلىم-تەربىيە بازىلىرىنى ۋە بىر ئالاقە ئورنىنى بىتچىت قىلغانلىقلىرى قەيت قىلىندى.
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىمۇ ئىيوردانىيەلىك ئۇچقۇچىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە قارىتا، توختىتىپ قويغان ھاۋا ھۇجۇملىرىنى قايتىدىن قوزغىدى. بىر ئىيوردانىيەلىك مەسئۇلنىڭ ئېيتىشىچە، ئىيوردانىيە ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرىنىڭ بومباردىمان ھەرىكەتلىرىگە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەۋەتكەن F-16تىپلىق ئايرۇپىلانلارمۇ قاتناشقان.
بۇنىڭدىن باشقا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىكىدە ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىدە ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە پۇل ئەۋەتىشكە ئۇرۇنغان 6 كىشى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.
ياپونىيەدە سۈرىيەگە بارماقچى بولغان بىر مۇخبىرنىڭ پاسپورتى ئايرۇدۇرۇم ساقچىلىرى تەرىپىدىن تارتىۋېلىندى. ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى ئۆتكەندە 2 ياپونلىق مۇخبىرنى تۇتۇۋېلىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر