ئىراننىڭ يادرو پائالىيەتلىرى يەنە قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى

خەلقئارا بىخەتەرلىك يىغىنىدا ئىراننىڭ يادرو پائالىيەتلىرى يەنە قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.

214314
ئىراننىڭ يادرو پائالىيەتلىرى يەنە قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخىن شەھىرىدە بۇ يىل 51-نۆۋەتلىكى ئۆتكۈزۈلگەن بىخەتەرلىك يىغىنىدا ئىراننىڭ يادرو پائالىيەتلىرى ھەققىدىكى تالاش-تارتىشلار قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.
دۇنيانىڭ نەزىرى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ مۇزاكىرىلىرىگە بۇرالدى. ئىككى دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۆتكەن جۈمە كۈنىدىن باشلاپ ئىككى قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۆھبەتنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، يادرو سۆھبەتلىرىدىن بۇ يىل مارت ئېيىدا چوقۇم نەتىجە چىقىش ئۈچۈن ئىرانغا تەكلىپ بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى. ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋاد زارىف يادرو سۆھبەتلىرىدىن نەتىجە چىقىرىش جەھەتتە مەلۇم باسقۇچتا يەتكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بىراق ئىراننىڭ دىنى رەھبىرى يادرو سۆھبەتلىرىگە سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ كەلمەكتە.
ئايەتۇللاھ ئەلى ھامانېي بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «يادرو سۆھبەتلىرىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنىسا قوبۇل قىلىمەن، بىراق بىردەكلىك كۆڭۈلدىكىدەك بولمىسا بۇنى قوبۇل قىلالمايمەن. كېلىشىم ھاسىل قىلالماسلىق خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە زىت كېلىدىغان كېلىشىمدىن كۆپ ياخشىدۇر.»
ھامانېي غەرب دۆلەتلىرى بىلەن يادرو مۇزاكىرىلىرىنى داۋملاشتۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
يادرو سۆھبەتلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتۈشى ئىسرائىلىيەنى بىئارام قىلدى. ھەپتىلىك كابىنت يىغىنىدا سۆز قىلغان ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇ: «ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ كېلەچىكىگە زىيان بېرىدىغان ھەر قانداق كېلىشىمگە توسالغۇ بولۇش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشىمىز» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر