ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىرلەشمە كۈچلەرگە قايتىدىن قاتنىشىدىكەن

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئى ش ئى د غا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەرگە قايتىدىن قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

213949
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىرلەشمە كۈچلەرگە قايتىدىن قاتنىشىدىكەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىيوردانىيەلىك ئۇچقۇچى مۇئاز ئەلقەساسىبەنىڭ ئى ش ئى د (دائېش) تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن بىرلىكتە توختىتىپ قويغان بىرلەشمە كۈچلەرنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە قايتىدىن ئىشتىراك قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە F-16 ئايروپىلانلىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئىيوردانىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلدى. قارارنىڭ ئىيوردانىيەلىك ئۇچقۇچىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېيىن بۇ دۆلەت بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش مەقسىتىدە چىقىرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىيوردانىيەگە ئەۋەتىلىدىغان ئايروپىلانلارنىڭ سانى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئى ش ئى د قا قارشى سۇرىيە ۋە ئىراقتا ھاۋا ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان بىرلەشمە كۈچلەرگە ئىشتىراك قىلغان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر