غەرب ئەللىرى ئۇكرائىنانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن كۈچ چىقارماقتا

ئەنگلىيە بىلەن فىرانسىيە ئۇكرائىنانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن كۈچ چىقارماقتا.

214312
غەرب ئەللىرى ئۇكرائىنانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن كۈچ چىقارماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە بىلەن فىرانسىيەنىڭ پىرېزىدېنتلىرى ئۇكرائىناغا مۇناسىۋەتلىك تىنچلىق پىلانىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.
ئىككى دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى مەزكۇر پىلان ئۈستىدە ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيە پىرىزدېنتلىرى بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزىدۇ.
گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيە رەھبەرلىرى تېلېفوندا يەنە بىر قېتىم كۆرۈشىدىغان بولدى. گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىرانك ۋلتېر شىتېمايېر فىرانسىيە بىلەن گېرمانىيەنىڭ تىرىشچانلىقلىرىنىڭ بىر، ئىككى كۈن ئىچىدە نەتىجىسى چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە ھازىرغىچە مەلۇمات بېرىلمىدى. فىرانسىيە پىرىزدېنتى ئولاندنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەكلىپ-پىكىرلەر ئارىسىدا ئالدىنقى سەپتە 50كىلومېتىردىن 70 كىلومېتىرغىچە بولغان جايدا بىتەرەپ رايون بەرپا قىلىش پىكرىمۇ بار ئىكەن.
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنېتى پوروشېنكو بىتەرەپ رايون بەرپا قىلىش تەكلىپىگە، بۆلگۈنچى رۇس كۈچلىرى قارشى تۇرۇپ كەلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر