11 يىللىق چەكلىمىنىڭ بىكار قىلىنىشى باغدادلىقلارنى سۆيۈندۈردى

ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا 2004- يىلىدىن بۇيان ئىجرا قىلىنىۋاتقان ‹كېچىسى كوچىغا چىقىش چەكلىمىسى› بىكار قىلىندى.

214251
11 يىللىق چەكلىمىنىڭ بىكار قىلىنىشى باغدادلىقلارنى سۆيۈندۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كەچ سائەت 12 دىن ئەتىگەن سائەت 5 كىچە داۋاملىشىدىغان كوچىغا چىقىش چەكلىمىسىنىڭ بىكار قىلىنىشىدىن كېيىن باغدادلىقلار كوچىلاردا سەل بولۇپ ئاقتى. ئىراق بايراقلىرىنى كۆتۈرۈشكەن ھالدا كوچىلاردا ئۇسسۇل ئوينىغان باغداد ئاھالىسى بايرام تەنتەنىسىگە چۈمدى.

شەنبە كۈنى چەكلىمە بىكار قىلىنغاندىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرى بولسا، شەھەرنىڭ ئامانلىقىنى ساقلاشتىكى بوشلۇقنىڭ ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. شەنبە كۈنى باغدادنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدا ئى ش ئى د (دائېش) تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا 40 تىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر