مىسىردا ھەربىي ھەرىكەتلەردە 47 كىشى ئۆلدى

مىسىر ئارمىيەسى سىنا يېرىم ئارىلىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ ئاتالغان گۇرۇپپىلارغا قارشى داۋاملىق ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارماقتا.

213378
مىسىردا ھەربىي ھەرىكەتلەردە 47 كىشى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەردە ئى ش ئى د گە بەيئەت قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان «سىنا رايونى گۇرۇپپىسى» نىشان قىلىندى.
سىنا يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىدىكى تەۋمە ۋە ئەبۇلتىفە يېزىلىرىدا قوراللىق گۇرۇپپىلار يوشۇرۇنۇۋالغان رايونلار تىك ئۇچار ئايروپىلانلار ئارقىلىق بومباردىمان قىلىندى.
ھۇجۇملاردا 27 مىلىتان ئۆلتۈرۈلدى. مىسىر ئارمىيەسى ھاۋا ھۇجۇملىرىدىن كېيىن قۇرۇقلۇقتىن ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلەردىمۇ 20 مىلىتاننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى. سىنا رايونى گۇرۇپپىسى، يانۋار ئېيىنىڭ ئاخىرلىرى دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى نىشان قىلىنغان ۋە 30 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ھۇجۇملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانىدى. مىسىر ئارمىيەسى، سىنا يېرىم ئارىلىدا «تېررورلۇق تەشكىلاتى» دەپ ئاتىغان گۇرۇپپىلارغا قارشى 2013 – يىلدىن بېرى ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا. بۇ ئارىلىقتا، مىسىرنىڭ ئىسكەندەرىيە شەھىرىدە يول چېتىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان بومبىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە 1 كىشى ئۆلدى، 4 كىشى يارىلاندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر