بېلگىيە پارلامېنتى پەلەستىننى ئېتىراپ قىلدى

بېلگىيە پارلامېنتىدا مەركەز ئوڭ قانات بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنى تەشكىل قىلىدىغان پارتىيەلەرنىڭ قوللىشى بىلەن پەلەستىننىڭ ئېتىراپ قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك قارارنامە قوبۇل قىلىندى.

213382
 بېلگىيە پارلامېنتى پەلەستىننى ئېتىراپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېلگىيە پارلامېنتى ھۆكۈمەتكە «ئەڭ ئۇيغۇن زاماندا» پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىش ئۈچۈن چاقىرىقتا بولدى.
بېلگىيە پارلامېنتىدا مەركەز ئوڭ قانات بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنى تەشكىل قىلىدىغان پارتىيەلەر قوللىغان قارارنامە 52 گە قارشى 75 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىندى.
سوتسىيالىستلار، يېشىللار ۋە ۋالون خىرىستىيان دېموكراتلار قاتارلىق ئۆكتىچى پارتىيەلەر بولسا 1967 – يىلقى چېگرا لىنىيەلىرى چىقىش نۇقتا قىلىنغان ئاساستا پەلەستىن دۆلىتىنىڭ دەرھال ئېتىراپ قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.
شىۋېتسىيەنىڭ بۇلتۇر ئۆكتەبىردە پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىشىدىن كېيىن فىرانسىيە، ئەنگلىيە، ئىسپانىيە ۋە ئىرېلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرىمۇ ھۆكۈمەتلىرىدىن بىرلا ۋاقىتتا ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى تەۋسىيە قىلغانىدى.
شىۋېتسىيەدىن سىرت يەنە، پولشا، رومنېيە، ۋېنگىرىيە، چېخ جۇمھۇرىيىتى، بۇلغارىيە، جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى ۋە مالتا قاتارلىق ئەللەرمۇ پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىشنى قارارلاشتۇرغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر