بىرازىلىيەدە ساقچىلار بىلەن لۈكچەكلەر توقۇنۇشتى
بىرازىلىيەنىڭ شىمالىدىكى سالۋادور شەھىرىدە ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان لۈكچەكلەر گۇرۇھىنىڭ 12 ئەزاسى ئۆلدى، 4 ى يارىلاندى.
213379
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساقچىلار «بانكا بولاش» قىلمىشىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن 30 كىشىلىك لۈكچەكلەر گۇرۇھى يوشۇرۇنۇۋالغان رايونغا بارغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 12 لۈكچەكنىڭ ئۆلگەنلىكى، 3 ى ئېغىر 4 ىنىڭ يارىلانغانلىقى، 1 ساقچىنىڭ يېنىك يارىلانغانلىقى، كۆپ ساندا قورال - ياراغ ۋە پارتلارتقۇچنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.